Features & Capabilities

ئەۋلاد دېتالى ھەققىدە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! ئەۋلاد دېتالىنىڭ يېڭى نەشرىنى چۈشۈرگىنىڭىز ئۈچۈن سىزنى تەبرىكلەيمىز ۋە ياقتۇرۇپ پايدىلىنىشىڭىزغا تىلەكداشمىز. ئەۋلاد تەلىم-تەربىيە ماتېرىياللىرى تەييارلاش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ www.ewlat.net توربېكىتىدە تارقىتىلغان كارتون ۋە فىلىملەرنى ئالما ئۈسكۈنىلىرىدە بىمالال كۆرەلىشىڭىز ئۈچۈن تەييارلانغان "ئەۋلاد" (EWLAD) ناملىق بۇ دېتالنى ياقتۇرىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز. ئەۋلاد تەلىم-تەربىيە ماتېرىياللىرى تەييارلاش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ياساتقۇزۇپ تارقىتىلغان "ئۇيغۇر ئەۋلاد" ناملىق ئەپنى چۈشۈرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن سىزنى تەبرىكلەيمىز. قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! سىز چۈشۈرگەن بۇ ئەپنىڭ ئىچىدە ئەۋلاد گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن ساغلام تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن تەييارلانغان تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق: (يېڭىدىن تەييارلىنىدىغان ماتېرىياللار تەييار بولغانسېرى بۇ ئەپكە يوللىنىپ، داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.) ئەپكە كىرگۈزۈلگەن ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە: 1- 3 DVD پىلاستىنكىسىدىن تەركىب تاپقان "ئەخمەت ۋە دوستلىرى ئىمان-ئىسلامنىڭ شەرتلىرىنى ئۆگەنمەكتە" ناملىق كارتون فىلىم. 2- 32 قىسىمدىن تەركىب تاپقان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى چۈشەندۈرگەننىڭ سىرتىدا ھەر قىسىمنىڭ بېشىدا مەلۇم بىر تېما ھەققىدە توختالغان "مېنىڭ گۈزەل پەيغەمبىرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام" ناملىق كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىم. 3- ياش-ئۆسمۈرلىرىمىز بىلەن ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىسلامنىڭ بەش ئاساسى تۈۋرۈكىدىن بىرى بولغان بولغان نامازنىڭ ئوقۇلۇش قائىدىسىنى ۋە مۇھىم ئاساسلىرىنى ئۆگىنىۋېلىشى ئۈچۈن تەييارلىنىپ تارقىتىلغان جەمئىي 4 قىسىملىق "ناماز ئۆگىنىش قوللانمىسى" ناملىق كارتون فىلىم. 4- قۇرئان كەرىمنى يېڭىدىن ئۆگەنگۈچىلەر بىلەن ئۆزلۈكىدىن تەجۋىدىنى ياخشىلاشنى ئارزۇ قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىنىش ئەھمىيىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ تەييارلانغان ۋە 8 جېگابايتلىق 4 DVD پىلاستىنكىسىدىن تەشكىل تاپقان بىر يۈرۈش "قۇرئانى كەرىم خەتمى" نىڭ پارىلار بويىچە ئايرىلغان ھۆججەتلىرى. 5- سېنارىيەسىنى مۆھتەرەم يۇسۇف ئەلقەرداۋىي قاتارلىق ئىسلام دۇنياسىدا تونۇلغان ئالىملار تەكشۈرۈپ بېكىتكەن، قاتار تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن mbc شىركىتى تەرىپىدىن بىرلىكتە مەبلەغ سېلىنىپ سۈرەتكە ئالدۇرۇلغان ۋە ئىسلام دۇنياسىدا داۋالغۇش پەيدا قىلغان 31 قىسىملىق "كۆپ قىسىملىق ھەزرىتى ئۆمەر فىلىمى" ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى. 6- قۇرئان كەرىمدىكى مۇھىم ھۆكۈملەرنى تېما قىلغان "قۇرئان يوليورۇقلىرى" ناملىق 30 قىسىملىق كارتون فىلىم. 7- 1990- يىللاردا تۈركىيەدە سۈرەتكە ئېلىنىپ تارقىتىلغان ۋە تۈركىيەدە داۋالغۇش پەيدا قىلغان 2 قىسىملىق (تەخمىنەن 4 سائەت ئۇزۇنلۇقىدا) "مىنيەلىك ئابدۇللاھ" ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى. 8- ئاللاھ بىلەن قۇل ۋە بەندە بىلەن بەندە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە ھەق-ھوقۇقلار تېما قىلىنىپ ئىشلەنگەن "قۇل ھەققى" ناملىق كارتون فىلىم. 9- قېرىنداشلار ئارىسىدىكى ھەسەتخورلۇق ۋە ئۇنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدا دەسلەپتە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىككى قېرىنداشتىن بىرىنىڭ يەنە بىرىنى ئۆلتۈرۈشى بىلەن ئاخىرلاشقان ھابىل بىلەن قابىل قىسسىسى تېما قىلىنىپ ئىشلەنگەن "ھابىل بىلەن قابىل" ناملىق كارتون فىلىم. 10- بۈگۈن ياۋروپانىڭ ئىلىم-پەندە قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە بۇنىڭغا تۈرتكە بولغان ئىلىم-پەننىڭ ئۇلىنى مۇسۇلمانلارنىڭ سالغانلىقىنى ئەسلىتىشنى مەقسەت قىلغان "1001 كەشىپ ۋە كۇتۇپخانىنىڭ سىرى" ناملىق قىسقا فىلىم. ئۇندىن باشقا تەربىيەۋى ئەھمىيىتى بار دەپ قارالغان بىر قىسىم ئاۋازلىق ئەسەرلەر بىلەن ئۇيغۇرچە لايىھەلەنگەن كارتونلارنىمۇ بۇ دېتال ئارقىلىق كۆرۈپ پايدىلىنالايسىز. جانابى ئاللاھ بىزنى ۋە سىزنى ئۆزىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۈرىدىغان، خەلقىمىزنىڭ ئېڭىنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئىشلارنى زاماننىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان يوللار ئارقىلىق قىلىش ئېڭىغا ئىگە قىلسۇن. بىزنى ئۆزى رازى بولىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلسۇن. ئاخىرىدا تېنىڭىزگە سالامەتچىلىك، كۆڭلىڭىزگە خاتىرجەملىك، ئائىلىڭىزگە بەخت - سائادەت، ئەۋلادلىرىڭىزغا ئىمان – ۋىجدان ۋە گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەت بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر ھايات، خەلقىمىزگە شانلىق كېلەچەك يار بولسۇن. ئىقتىسادىي ياردەم ئۈچۈن ئادرېسىمىز: Paypal.com ئارقىلىق ewlatbiz@gmail.com تور بېكەت ئادرېسىمىز: http://www.ewlat.net ئىلخەت ئادرېسىمىز: ewlatnet@gmail.com ھۆرمەت بىلەن ئەۋلاد تەلىم – تەربىيە ماتېرىياللىرى تەييارلاش گۇرۇپپىسى.

User Growth & Download Statistics

App
By:
Abdullah karakas
Rating:
4.00
(3)
Version:
4.0.1 Last updated: 2021-07-26
Version code:
843246251
Creation date:
2014-08-27
Compatible devices:
Size:
10.51MB
URLs:
Privacy policy
Full description:
See detailed description
Source:
Apple Apps Store
Data ingested on:
2026-06-06
Compare stats and ranking:

Contact the developer

Chrome-Stats does not own this Apple app. Please use these information below to contact the Apple app developer.
Developed by:
Abdullah karakas
Apple Apps Store
https://apps.apple.com/nl/app/ewlat/id910773623?l=en-GB

User Reviews

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىلەرنىڭ يىقىندا تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغان “قۇرئاندىكى ھايۋاناتلار قىسسەسى “ ناملىق كارتۇن فىلىمنى ئەۋلاد ئەپ دىتالىدىن كۇرۇپ بەك خوش بولدۇق. باللىرمىزغا دىننى بىلىملەرنى ئانا تىلىمىزدا چۇشەندۇرۇپ ئۆگۇتۇشكە قولايلىق ياراتقىنىڭلاردىن كۆپ رەخمەت. ئاللا ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت ئاتا قىلغاي. خىزمىتىڭلاردىن كۇندىن كۇنگە راۋاج تىپىشىنى ئۇلۇغ ئاللا ئىگەمدىن تىلەيمىز .
by ch*****, 2020-08-14

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ۋىدىئونىڭ ئاۋازى چىقمايۋاتىدۇ.
by ئە*****, 2019-11-10

كۆپ ئىشلىنىشچان ھەم بەك قولايلىق ۋە رەڭدار مەزمۇنلۇق بىر ئەپ سىلەرنىڭ تىخىمۇ تىرىشىڭلارنى ئۇمىد قىلمىز
by زۇ*****, 2018-08-22
View all user reviews ›

Best Ewlat Alternatives

Here are some Apple apps that are similar to Ewlat: